•  

    مەشىق ئەسەرلىرىم


     

     

  • ياشاۋەر

    جەننەت بولدى ساڭا دۇنيا،ئۇدۇنيانى ئويلىما ھېچ،

    بىر قېتىمدۇر ھاياتلىق دەپ بىلگەن پېتى ياشاۋەر.

    ئاران كەلگەن ياشلىقىم ئۇ ھۇزۇر دېگەن ياشاش ئۈچۈن،

    يېگىن-ئىچكىن ئويۇن بىلەن كۈلگەن پېتى ياشاۋەر.

  • ئۇچۇپ كەتتى خىيال كەپتىرىم

     

    بۈگۈن كېچە خىيال كەپتىرىم،

    ئۇچۇپ كەتمەك بولماقتا يىراق،

    توسىماق بوپ قۇلۇپلىدى ھەم،

    شېرىن ئۇيقۇ قەپەسنى مەھكەم.

  • قىيان دەرياسى

     

    تۇيۇقسىز چوڭ بىر دەرياغا چۈشۈپ كەتتىم، قانداقتۇر بىر خىل كۈچ پۇتۇمدىن پەسكە تارتماقتا...قۇتۇلۇش شۇنچىلىك تەس ئىدى. بارغانسېرى ئەس ھوشۇمنى يوقۇتۇپ قويىۋاتاتتىم. «مەن كىم؟» تۇيۇقسىز كاللام قۇپقۇرۇق، زۇۋانىمۇ تۇتۇق. بۇنداق بولىشىنى پەقەت خالىمايتتىم. ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن. ئانامنى،ئاتامنى...ھەتتە قەيەردىن كېلىپ قەيەرگە ماڭغانلىقىمنى...

    ........

     ۋەتەن دەپ سوققار يۈرەك، سۈيىدە ئاققار يۈرەك،

    ياغسىمۇ توپان، قىيان ، ئۆز ئۆيىنى تاپقار يۈرەك.

    زۇۋان نېمە؟ بۇجان نېمە؟ كەتسە مەيلى سۇغا غەرىق،

    بولسا گەر جاندىن جۇدا ۋەتەن دەپ سوقار يۈرەك،

     

  • 2011-11-20

    كوچا - [شېئرلىرىم]

    كوچا

     

    كەچ كۈزدىكى جەلىپكار كوچا،

    قاچاندىن بولغان ئۇ رەقىبكە غالچا.

    شۇ جىمجىت كوچىدا يۈرەر لاغايلاپ،

    ساقچىلار تۇتۇشۇپ كالتەك يا قامچا.

     

  • رۇبائىيلار


     

    ئىنسانغا كېرەكتۇر گۈزەللىك ۋىجدان،

    ياشاشقا كېرەكتۇر غۇۇرۇرلۇق ئىنسان.

    ئىنسانىي بۇرچىنى ئۇنۇتقان ئادەم،

    قانداقمۇ ياندۇرسۇن نۇرلانغان گۈلخان.

  • تاڭ ئاتتى

     

     

    تاڭ قۇياشى نۇرىنى چېچىپ،

    لالە قىلار شەبنەم يۈزىنى،

    خوراز چىللاپ ياڭراق ئاھاڭدا،

    ئۇۋۇلماقتا ئۇيقا كۆزىنى،

    ھەشقىپىچەك ئاچتى كېرىلىپ،

    قېقىشتۇرۇپ ئۈستى بېشىنى ...